باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەنە بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2018.02.28 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا تىزىملاتمىغان ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «جۇڭگو گۈزەل يېزا-كەنت كەسىپلەر تەرەققىيات كومىتېتى»، «خەلقئارا ئولىمپىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم جەمئىيىتى»، «مەملىكەتلىك كەسىپلەر بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتى»، «جۇڭگو ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بۇيۇملىرى بازىرى جەمئىيىتى»، «جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلار جەمئىيىتى»، «جۇڭگو ئاسارە ئەتىقە تەتقىقات يۇرتى»، «جۇڭگو ئاق كېسەل تېببىي جەمئىيىتى»، «دۆلەت كەسپىي سالاھىيەتنى بېكىتىش مەركىزى» قاتارلىق 40 نەچچە قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات بار.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا تىزىملاتمىغان بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە «مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك شېئىر ئىلمىي جەمئىيىتى»، «نامراتلارنى يۆلەش ئىگىلىك تىكلەش فوندى جەمئىيىتى»، «جۇڭگون سۈنئىي ئەقىل جەمئىيىتى»، «جۇڭگو ساغلاملىق خىزمىتى كومىتېتى»، «جۇڭگو شەھەر-يېزا كۈتۈنۈش خىزمىتى كومىتېتى»، «جۇڭگو توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپى جەمئىيىتى» قاتارلىق 42 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات بار ئىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر