باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار خاڭجۇدا ئىگىلىك تىكلىسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىليون يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ

2018.02.28 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:27- چىسلا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز خاڭجۇدا بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسلىق نىشاننى رىقابەت كۈچىگە تېخىمۇ كۆپرەك ئىگە خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ يېتىلدۈرۈش ۋە قالدۇرۇپ ئىشلىتىش مېخانىزمىغا قاراتماقچىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن، «پۈيۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەشتۇرۇشتىكى 10 ماددا» ۋە «ئېچىۋېتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشتىكى ئالتە ماددا» قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ياردەم پۇل ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  ئۇ ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خاڭجۇ چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارى، تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە كەسپىي نەتىجە تۆھپىسى قاتارلىق جەھەتلىرىگە ئاساسەن، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار، باشلامچىلار، ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئىختىساسلىقلار، سەردار ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بەش قاتلام بويىچە تۈرگە ئايرىپ بېكىتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزەيدىكەن.

  خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جيەن مۇنداق دېدى: چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار خاڭجۇدىمۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىلەن ئوخشاش بولغان قولايلىق سىياسەتلىرىدىن، يەنى جۇڭگودا مەڭگۈلۈك تۇرۇش، چېگرادىن كىرىپ-چىقىش ۋىزىسى ئېلىش، ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئېلىش ۋە پورت ۋىزىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چېگرادىن كىرىپ-چىقىشتىكى يەتتە تۈرلۈك قولايلىق سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن خاڭجۇدا قوبۇل قىلىنغانلىرىنىڭ سانى 29 مىڭ ئادەمگە، خاڭجۇغا كىرگۈزۈلگەن چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ سانى 15 مىڭ ئادەمگە يەتكەن؛ چەتئەللىكلەر رويخەتكە ئالدۇرغان (قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان) كارخانىلار 4980دىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر