باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كورېيە پيۇڭچاڭدا يېپىلدى

شى جىنپىڭ ۋىدىئو ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنىڭ 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.02.26 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 25-فېۋرال كەچتە پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا يېپىلدى. جۇڭگو كېيىنكى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېپىلىش مۇراسىمىدا «2022-يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشىش» ناملىق سەككىز مىنۇتلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىدىيو ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارغا 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشىش سەمىمىي تەكلىپىنى يوللىدى!

  پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، يېپىلىش مۇراسىمىدا كەلگۈسىگە نەزەر باش تېمىسىدىكى نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاندى. 17 كۈنلۈك جىددىي، كەسكىن مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پيۇڭۋاڭدا يېپىلغانلىقىغا شاھىت بولدى. يېپىلىش مۇراسىمى ئاخىرىدىكى «بېيجىڭ سەككىز مىنۇتلۇق» ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  دەل مۇشۇ پەيتتە، ئىككى «مۈشۈكئېيىق ئەلچىسى» چوڭ ئېكراندا پەيدا بولدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنياغا بەرگەن سەمىمىي تەكلىپىنى توپلاۋاتاتتى. ئارقىدىنلا ئېكراندا شى جىنپىڭنىڭ سىماسى كۆرۈندى. شى جىنپىڭ ۋىدىيودا مۇنداق دېدى: مەن ۋە يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى، پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنى 2022-يىلى بېيجىڭدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلىمىز! سىلەرنى قارشى ئالىمىز، دوستلارنى قارشى ئالىمىز!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر