باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدە مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2018.02.27 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئائىت مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2018- يىللىق يىغىنى (كېڭەيتىلگەن يىغىنى) يېقىندا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: نۆۋەتتە گەرچە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە يامراپ كېتىش ئەھۋالى تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، يۈز بېرىۋاتقان دېلولارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا، دېلولارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقتىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە غەربىي رايوندىكى ئاھالىلەر كۆپ ئۆلكىلەر قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى، مۈلكى زېمىن ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقللارغا چېتىلىدىغان ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى دېگەندەك تۈرلەردىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالاقىدار قانۇن تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنىڭ چوڭ دېلولارنى قانۇن بويىچە پۇختا بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، كونا دېلولارنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش، ئۆلكە ھالقىغان دېلولارنى ھەمكارلىشىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە مەسىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئىستېرېئولۇقلاشتۇرۇلغان، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان ھالدىكى كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش سىستېمىلىرىنى يەنىمۇ كۆپلەپ ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشتە، تور ئىچىدىكىلەر بىلەن تور سىرتىدىكىلەر بىرلەشكەن، ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇل نورمال كۈن تەرتىپكە قويۇلغان ھالدىكى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەمىشە ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرۇپ كۆزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر