- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ترامپنىڭ ئەلرايى بويىچە قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى
2018.02.27 14:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 25_فېۋرال ئۆتكۈزگەن ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە، زۇڭتۇڭ دونالد ترامپنىڭ ئېرىشكەن ئەلرايى بويىچە قوللاش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %5 چۈشۈپ، %35كە چۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.
بۇ ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بۇلتۇر 12-ئايدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە، ترامپ تەختكە چىقىپ بىر يىلغا ئاز قالغاندا، خەلق رايى قوللاش نىسبىتى %35كە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ تارىختىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەلرايى بويىچە قوللاش نىسبىتىنى ياراتقان. بۇ يىل 1-ئايدا، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىساد ئەھۋالىدىكى ياخشىلىنىش تۈپەيلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان بۇ زۇڭتۇڭنى قوللاش نىسبىتى نىسبەتەن كۆتۈرۈلگەن.
پارتىيە-گۇرۇھلار ئامىلىدىن باشقا، ترامپنىڭ قوللاش نىسبىتى جىنس، ئىرق ۋە ياش چەكلىمىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى جەھەتلەردىمۇ كۆپ پەرق قىلغان. ئۇنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللار ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %43 ۋە %22، ئاق تەنلىكلەر ۋە غەيرى ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %42 ۋە %23، 50 ياشتىن يۇقىرىلار ۋە 35 ياشتىن تۆۋەنلەر توپى ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %43 ۋە %22 بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر