خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات — دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات چوقۇم ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى شەرت. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھىر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.
يېڭىلىق يارىتىش — تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى.
يېڭىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان مى جۇڭيى شېنياڭ شىمال ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەرىكەت ئۇزىتىش ئۈسكۈنىسى تارماق شىركىتىنىڭ ئىشچىسى. ئۇ بېرىلىپ ئىشلەشكە ئامراق، ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر، كۆپ يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پىشقان تېخنىكا ماھارىتى يېتىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندە ئالىي تېخنىك بولۇپ قالدى. مى جۇڭيى ئەستايىدىللىق بىلەن ھەر بىر كىچىك ئىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئىنچىكە تەپسىلاتنى ئىگىلىگەندە، ئاندىن يۈكسەك سەنئەت ماھارىتى ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
سۈرەتتە: مى جۇڭيى (ئوڭدىن بىرىنچى) شېنياڭ شەھىرىدىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2-سەييارە سوت كوللېگىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى (23- فېۋرال تارتىلغان سۈرەت).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى