باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى پىكرى

2018.02.26 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى:

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى پىكرى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 7-ئابزاستىكى «ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە» دېگەننى «ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە» دەپ ئۆزگەرتىش؛ «سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»دېگەننى «سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش» دەپ ئۆزگەرتىش؛ «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش»نىڭ ئالدىغا «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش»نى قوشۇش؛ «ماددىي مەدەنىيەت، سىياسىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» دېگەننى «ماددىي مەدەنىيەت، سىياسىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» دەپ ئۆزگەرتىش. بۇ ئابزاسنىمۇ ماس ھالدا مۇنداق ئۆزگەرتىش: جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ قولغا كەلگەن. ئېلىمىز ئۇزاق مەزگىل سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتۇر. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، <ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسى، سوتسىيالىزم يولى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، سانائەت ، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيەت، سىياسىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 10-ئابزاستىكى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش جەريانىدا» دېگەننى «ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات جەريانىدا» دەپ ئۆزگەرتىش؛ «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى» دېگەننى «بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى» دەپ ئۆزگەرتىش. بۇ ئابزاسنى ماس ھالدا مۇنداق ئۆزگەرتىش: سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى چوقۇم ئىشچى، دېھقان ۋە زىيالىيلارغا تايىنىپ، ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرى قاتنىشىدىغان، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى شەكىللەندى، بۇ بىرلىك سەپ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇپ، ئىلگىرى مۇھىم تارىخىي رول ئوينىغان، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە سىرت بىلەن بولغان دوستانە پائالىيەتلىرى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان كۈرەشلەردە ئۇنىڭ مۇھىم رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 11-ئابزاستىكى «باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ» دېگەننى «باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىش.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇن كىرىش سۆزىنىڭ 12-ئابزاستىكى «جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەننى «جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ» دەپ ئۆزگەرتىش؛ «جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ» دېگەننىڭ كەينىگە «تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ» دېگەننى قوشۇش؛ «ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تەرەققىيات قىلدۇرۇش» دېگەننى «ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تەرەققىيات قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ ئۆزگەرتىش. بۇ ئابزاسنى ماس ھالدا مۇنداق ئۆزگەرتىش: جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى دۇنيانىڭ كەلگۈسى بىلەن زىچ باغلانغان. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تاشقى سىياسەتتە چىڭ تۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تەرەققىيات قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ جاھانگىرلىك، زومىگەرلىك، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىكى ھەققانىي كۈرىشىنى قوللايدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشقا تىرىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر