باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا يولۇچىلار ئېلىپ ماڭغان توكدان ئوت ئېلىپ كەتتى

تالاپەت ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

2018.02.26 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-فېۋرال جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىىيە شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ3539 (گۇاڭجۇ-شاڭخەي خوڭچياۋ لىنىيەسى، ئايروپىلان تىپى B77W) نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش جەريانىدا، يۈك-تاق جازىسى ئىچىدە ئىس كۆتۈرۈلگەن ۋە ئوت ئېلىپ كەتكەن، ئايروپىلان خادىملىرى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ماسلىشىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغانلىقتىن، ئېغىر زىيان-زەخمەت كۆرۈلمىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ئالماشتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغان. ۋەقەگە چېتىشلىق يولۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرۈلگەن. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، ھادىسە يولۇچى ئېلىپ ماڭغان توكداندىن ئىس چىققان ۋە ئوت كەتكەنلىكتىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە توكدان ئىشلىتىلمىگەن ھالەتتە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر