باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك

2018.02.26 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 4-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقاتچى يولداش لى لىن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىي، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى قۇرۇشتىن باشلاپ، پارتىيەمىز خەلق ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدا ئىزدەندى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1954- يىلى 9- ئايدا ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللىنىپ، سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى دەۋرىدە ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر