باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ جىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناپ كۆرۈش ۋە ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلدى

2018.02.26 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ياڭ جىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى .

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلاندى: يولداش ياڭ جىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە، ھەمدە پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز كارخانا خوجايىنلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز كىشىلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت نامۇۋاپىق تۈردە ئالاقە قىلغان؛ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا ۋە زور مىقداردىكى شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن؛ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قارشى تەرەپتىن پۇل- مال قوبۇل قىلىشىغا يول قويغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا، يولداش ياڭ جىڭ خاتالىقىنى بوينىغا ئالدى ۋە خاتالىقىغا پۇشايمان قىلدى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، يولداش ياڭ جىڭغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناپ كۆرۈش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈشنى قارار قىلدى، ھەمدە مىنىستىر دەرىجىلىككە چۈشۈرۈۋېتىلدى، مەسىلىسى تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر