خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-فېۋرال، بېلگىيەنىڭ شەرقىي ۋىلاندېرىن ئۆلكىسى گېنت شەھىرى مەركىزىدە، شۇ جايدىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ۋە شىر ئۇسسۇلى ئەترىتى چاغانلىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە ئويۇن قويماقتا. 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى بريۇسسېلدا «چاغان شادلىقى» كاتتا سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بېلگىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى ۋە بېلگىيە گېنت شەھىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 2018-يىللىق چاغانلىق سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى 24-فېۋرال گېنت شەھىرى مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى