باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى جازالىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

2018.02.26 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چاۋشيەن ۋە جۇڭگو ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە چېتىشلىق كارخانىلىرى، كېمىلىرى ۋە شەخسلەرگە قارىتا جازالاش يۈرگۈزگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 24-فېۋرال مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز قانۇنى بويىچە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىگە قارىتا تاق تەرەپلىمىلىك جازالىشى ۋە «قول شىلتىپ باشقۇرۇشىغا» قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە ئالاقىدار قارارىنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپلىق، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆز ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا، جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلار بولسا، جۇڭگو تەرەپ ئۇنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز قانۇنى بويىچە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىگە قارىتا تاق تەرەپلىك جازالاش ۋە «قولىنى شىلتىپ باشقۇرۇشىغا» قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  بىز ئاللىقاچان ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن جىددىي سۆزلەشتۇق، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار خاتا ئۇسۇللىرىنى توختىتىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر