باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىنى توردا بىر تەرەپ قىلىش يولى كۆپەيتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

2018.02.26 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 24-فېۋرال، ئاممىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى توردا بىر تەرەپ قىلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، «نومۇر ھايانكەشلىرى»نىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىدا، ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ قوللىنىلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش، نومۇر تاللاش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق 10 چوڭ تۈردىكى 130 نەچچە تۈرلۈك تور مۇلازىمىتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، جەمئىي تىزىملاتقان ئابونت 160 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 593 مىليون قېتىم تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەنگەن.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم سۇپىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىدىغان شوپۇرلار «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ھەيدىگۈچىلەر قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىدە ياكى «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالىدا ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ يۈز بەرگەن نومۇر تارتىلغان ھەمدە بىر قېتىملىق قويۇلغان جەرىمانە سوممىسى 200 يۈەندىن ئاشمىغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

  بۇ ئىقتىدار يېڭىدىن كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ھەيدىگۈچىلەر قاتناش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىدە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا «قاتناش باشقۇرۇش 12123» ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىرى ۋە ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناشنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدە خاتىرىلەنگەن قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىدە ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتى ۋە سەپەرگە چىقىش تەننەرخىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق، يەنە «نومۇر ھايانكەشلىرى»نىڭ نومۇر ئېلىش- نومۇر سېتىش ئارقىلىق قانۇنسىز پايدا ئېلىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر