خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-فېۋرال، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 490 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىشلىق تەتىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇردى ھەمدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى.
مەكتەپكە كېلىش يولىدا، ساۋاقداشلار يولبويى كۈلكە-چاقچاقلىشىپ، تەتىلى توغرىسىدا سۆزلىشىپ مەكتەپكە يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە بولغان ئىشەنچى ئەكس ئېتەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى