باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.27 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ــــ ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىش-باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باھالاشنىڭ ئىلمىي مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش، ئىختىساسلىقلارنى كەسىپتە راۋاجلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىدا يەنىلا تۈرگە ئايرىپ باھالاش يېتەرلىك بولماسلىق، باھالاش ئۆلچىمى بىرلا خىل بولۇش، باھالاش ئۇسۇلى ئوخشىشىپ كېتىش، باھالاشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، ئادەم ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر >نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر تۈزۈپ چىقىلدى:

  بىرىنچى، باش تەلەپ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ

  (1) باش تەلەپ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىشنى ئاساس، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلغان، يۆنىلىشى ئېنىق، دەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان، رىقابەت ئارقىلىق ياخشىلىرى تاللىنىدىغان ئىلمىيلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان، بازارلاشقان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر