باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا يېڭى قىياپەت نامايان بولغۇسى

سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز پات ئارىدا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ

2018.02.27 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھازىر سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرلىق، رېلىس ئارىلىقى ئۆزگىرىشچان پويىز تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرلىق كېيىنكى ئەۋلاد ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. كېيىن يولۇچىلار بىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىمىزغا ئولتۇرغاندا، خۇددى ئائىلە كىنوخانىسىغا كىرگەندەك راھەت تۇيغۇ ھېس قىلالايدۇ... » گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-فېۋرال ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى كونترول قىلىش تېخنىكىسىدىكى باشلامچى شەخسلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى دىڭ روڭجۈن «كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول»نىڭ مۇنداق بىر پارچە «غايىۋىي سىخېمىسى»نى تەسۋىرلەپ بەردى.

  دىڭ روڭجۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپچىلىك ئولتۇرۇۋاتقان «گۈللىنىش ناملىق» تېز پويىز تېخىمۇ ئازادە، يورۇق ھەم راھەت بولۇپلا قالماستىن، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، پويىزدا تېلېفون ئۇرغاندا سىگنال تېخىمۇ ياخشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر. بىز ھازىر قانداق قىلىپ ئۈن-سىننى ئۇلاپ، سىنلارنىمۇ تېز پويىزغا چىقىرىشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز. كەلگۈسىدە كۆپچىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغاندا، خۇددى ئائىلە كىنوخانىسىغا كىرگەنگە ئوخشاش، كۆزنەكلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ئايلىنىشىنى، كۆپچىلىكنىڭ پويىزغا چىقىشى بىلەنلا سەپەر ھاردۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن، پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا باي ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىز بارلىققا كەلمەكتە. دىڭ روڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ئەسلىدە ئەگىشىپ ماڭاتتۇق، ھازىر تەڭ ماڭالايدىغان بولدۇق، يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم يېتەكچىلىك قىلىمىز»، مەڭگۈلۈك ماگىنىتلىق ھەركەتلەندۈرۈش سىستېمىسى پويىزغا قۇراشتۇرۇلدى، ھازىر تەكشۈرۈپ بېكىتىلمەكتە، كەلگۈسىدە يەنە ئاپتوماتىك ھەيدەش ۋە ئادەمسىز ھەيدەش قاتارلىق تېخنىكا ساھەسىدە كۈچەيمىز.

  ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېخنىكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا سوتسىيالىزمنىڭ «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش»ىنىڭ نامايەندىسى.

  ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە خەلقئارا ئالدىنقى ئورۇنغا قەدەم قويدى...

  پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەن گاڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، پەن- تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، پۈتۈنلۈك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر