باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلاندى، يولۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتى

2018.02.26 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-فېۋرال، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدا قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى 100 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، ئايروپورتتا قويۇق تۇماننىڭ تەسىرىدىن، كۆپلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلدى ياكى بىكار قىلىندى.

  25-فېۋرال 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھاۋارايى يەڭگىل تۇمانغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇچۇش يولىنىڭ كۆرۈش مۇساپىسى (RVR) شەرقتىن غەربكە 1400/1200/1800 مېتىر بولۇپ، ئۇچۇش ۋە قونۇشتىكى ئۆلچەمگە يەتكەن، ھاۋارايى تۇراقلىق بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن.

  سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا 116 نۆۋەتچى ئايروپىلان پورتتىن ئايرىلغان، 108 نۆۋەتچى ئايروپىلان پورتقا قونغان، پورتتىن چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 61ى ئۇچۇشنى كېچىكتۈرگەن، تۆت ئايروپىلان قونالماي قايتىپ كەتكەن، ئايروپورتتىن چىقىدىغان ۋە كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 32سى ئۇچۇشنى بىكار قىلغان. T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا تۇرۇپ قالغان يولۇچى 900گە، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا تۇرۇپ قالغان يولۇچى 2100 گە، T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا تۇرۇپ قالغان يولۇچى 500گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر