باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مۇناسىۋەتسىز ئەگەشمە ۋەزىپە ۋە كۆرسەتكۈچلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك

2018.02.24 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 23-فېۋرال بېيجىڭدا گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن چېڭدۇدىكى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يىل باشلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىلگە كىرگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە يېڭى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى، بۇ مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش-ئېچىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن قىيىنچىلىق، خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت، كاللىنى باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز تارماقلىرى دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ، «مەركەز بىر تۇتاش پىلانلاش»نىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسەتلەر بىلەن خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئىشلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك تۈزۈم ۋە ئۇسۇللارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلاپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسەتلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇشىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش كېرەك. باھالاش، نازارەت قىلىشنى ياخشىلاپ، شارائىتقا بېقىپ ئىش كۆرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، «ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش» پىرىنسىپىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەگەشمە ۋەزىپە ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نامراتلارغا ياردەم بېرىش خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر