- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاغاندىن كېيىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان پويىز بېلەتلىرى ناھايىتى قىس بولماقتا
2018.02.24 16:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پەسىل قۇشلىرىغا ئوخشاش ھەر جايلاردىكى ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدۇ. مۇخبىرنىڭ 22-فېۋرال جۇڭگو تۆمۈريولى خېرىدار مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق ئەمگەك كۈچى تەمىنلەشتىكى چوڭ ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا قاتنايدىغان پويىز بېلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قىس بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 23-فېۋرالدىن 15-مارتقىچە، شىنجاڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز بېلەتلىرى ئىزچىل قىس بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 3-ئاينىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشتىكى بېسىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارىدىغان يولۇچىلار ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك بولىدىكەن، نۆۋەتتىكى پويىز بېلەتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىنىڭ ئالدىدىكى بەش كۈن ۋە كەينىدىكى بەش كۈندە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ كارىۋاتلىق بېلىتى ئاساسەن قالمىغان، باشقا يۆنىلىشكە قاتنايدىغان پويىز بېلەتلىرى بىر قەدەر يېتەرلىك ئىكەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆمۈريول بېلىتىمۇ بىر قەدەر ئازادە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر