باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.27 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا « جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھە، ھالقىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىق بايلىقىنى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي تەقسىملەپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ پاراۋانلىق خۇسۇسىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش، قاتنىشىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرىلىتىپ، جەمئىيەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىش بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش، مىللىي روھقا ۋارىسلىق قىلىش، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لېكىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە يەنىلا ئاكتىپ، دەل ۋاقتىدا، ئەتراپلىق بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلىنىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە ئادىللىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاشكارىلاش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، ئاشكارىلاش مەزمۇنىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئاشكارىلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر