2-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى چوڭ مەيداندا، مېھمانلار يۈەنشياۋ پانۇس كۆرگەزمىسىنىڭ چىراغ يورۇتۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
22-فېۋرال كەچتە، نۇرلار كۆزنى قاماشتۇرغان، جۇڭگوچە بىلەن غەربچە ئارىلاشقان، ئۆزگىچە جۇڭگو رەڭلىك پانۇسلىرى «ياۋروپانىڭ يۈرىكى» بولغان بريۇسسېل چوڭ مەيدانىدا پارلاپ، جۇڭگو يۈەنشياۋ پانۇس كۆرگەزمىسى باشلاندى. بۇ قېتىمقى پانۇس كۆرگەزمىسى 2018- يىللىق جۇڭگو-ياۋروپا ساياھەت يىلىنىڭ مۇھىم پائالىيىتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى