2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ۋاندىنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا، «ئوۋ بۈركۈتى - 9» ناملىق راكېتا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلدى. ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى 22-چېسلا «ئوۋ بۈركۈتى - 9» ناملىق راكېتانى قويۇپ بېرىپ، ئىسپانىيەنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربېتا سىرتىغا يەتكۈزگەندىن باشقا، يەنە بۇ شىركەتنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى تۈرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەسلىي تىپلىق سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈپ، تەخمىنەن 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تەشكىل تاپقان ئالەم بوشلۇقى «يۇلتۇزلار زەنجىرى»نى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. (سۈرەتلەرنى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى تەمىنلىگەن).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى