باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دانىخورەك چىققان بولسا ھوشيار بولۇش كېرەك

2018.02.23 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى ۋە غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانا ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ دېپېي دانىخورەك چىقىش ئاساسلىقى تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەگەر دائىم دانىخورەك چىقسا، پەقەت تېرىدىن مەسىلە چىقتى، دەپ قالماڭ، بەلكىم بەدەننىڭ ئىچكى قىسمى سىزگە كېسەللىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى تۆت مەسىلە دانىخورەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

  بىرىنچى، ئادەت تەرتىپسىزلىنىش

  ئادەت قالايمىقانلىشىش ئادەتتە ھەيز دەۋرى ياكى قاناش مىقدارىنىڭ نورمالسىزلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، تۇخۇمدان، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى دورا، روھىي بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئىككىنچى، تۇخۇمدان فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش

  تۇخۇمدان فۇنكسىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشى جىنسىي ھورمۇننىڭ نورمال دەۋرىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجراتمىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، يۈزىگە دانىخورەك چىقىشى مۇمكىن.

  ئۈچىنچى، بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسى

  تېرىگە دانىخورەك چىقىش بىلەن بالىياتقۇ مۇسكۇلى ئۆسمىسىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش، يەنى ئۇلار كۆپىنچە كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەك بىزار بولغان، جىددىيلەشكەن، خاپا بولغان چاغدا بەدەندىكى بېسىم ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تېرىنىڭ ئايلىنىش مېخانىزمىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممۇنېتىت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.

  تۆتىنچى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى

  كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى كۆپىيىش ئىچكى ئاجراتمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىش ۋە ماددا ئالمىشىش نورمالسىز بولۇش ئاياللار كېسىلى. 30- 40 ياشلىق ئاياللاردا دانىخورەك پەيدا بولسا، ئەگەر يېمەك- ئىچمەك، روھىي ھالەت قاتارلىق سەۋەبلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ئاياللار بۆلۈمىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىپ، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈتۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر