خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇماجياڭتاڭ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى ۋاڭ جا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە (2018-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).
2014-يىلى، ۋاڭ جا شىزاڭ زاڭزۇ تېبابىتى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شارائىتى جاپالىق بولغان يېزىلىق شىپاخانىدا خىزمەتكە چۈشۈپ، يېزا بويىچە 282 ئائىلىدىكى 1100 گە يېقىن ئادەمنىڭ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
2018-يىلى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى.
«بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە چاقىرىق قىلدى.
يېڭى تارىخىي مەزگىلدە تۇرماقتىمىز، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ئىسلاھات ساداسىنى ياڭراتقۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى