خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە تەپتىش تەرەپ 2-ئاينىڭ 27-كۈنى سېئول مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلەپ، تەختتىن چۈشكەن سابىق زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينى 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى سۇندى.
سۈرەتتە: 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي (ئوتتۇرىدا) سېئولدىكى مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەن چاغدىكى ماتېرىيال سۈرەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى