باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈكى ئېغىر تېرىلغۇ يەرلەر دەم ئالسۇن

نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۇدىگەرلەش تولۇقلىمىسى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، دېھقانلار تېرىقچىلىقنى ئۆزگەرتسە زىيان تارتمىدى

2018.02.27 18:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان ئۆتىشى بىلەن دۆلىتىمىز يولغا قويغان تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۇدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەش- پەش دېگۈچە ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىلغان، شۈدىگەرلەنگەن يەر كۆلىمى 2016- يىلىدىكى 6 مىليون 160 مىڭ مودىن كېڭىيىپ 2018 –يىلى 24 مىليون موغا يەتتى، كەلگۈسىدە يەنە مەلۇم نىسبەتتە كېڭەيتىلىدۇ.

  دۆلىتىمىز ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا مول ھوسۇل ئالدى، بىراق قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇش، بايلىقنى خاتا سەپلەش ۋە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئارىسىدىكى ئۈزۈكچىلىك مەسىلىسىنى يەنىلا ھەل قىلماي بولمايدۇ. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۇدىگەرلەش زاپاس مىقدار بېسىمى ئېغىر بولغان كۆممە قۇناق ۋە شالنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىپ، بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئاشلىقنىڭ تەمىنلەش- ئېھتىياج ئەھۋالى ياخشىلاندى، يۈكى ئېغىر تېرىلغۇ يەر، نورمىدىن ئاشۇرۇپ پايدىلىنىلىۋاتقان مۇھىتنىڭمۇ «دەم ئالىدىغان» ۋاقتى كەلدى. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشتا ئاساسلىقى كۆممە قوناق بىلەن سېرىق پۇرچاق نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىلىپ، سېرىق پۇرچاق تۈگۈن يىلتىزىنىڭ ئازۇتنى تۇراقلاشتۇرۇش، يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تېرىش بىلەن يەرنى كۈچلەندۈرۈش بىرلەشتۈرۈش،دېھقانچىلىقنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۈدىگەرلەش تېرىلغۇ يەرنىڭ سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ دەم ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىش، شۇنداقلا يەرلەرنى يەنىمۇ تۈزەشنى كۆرسىتىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۈزەتكۈچىسى ۋاڭ جىنچېن مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۇدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى ئاساس، شۈدىگەرلەشنى قۇشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، شۈدىگەرلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ نىسبىتى چوڭ بولماسلىق، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئاساس قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۈدىگەرلەش تېرىلغۇ يەرنى تېرىماي تاشلىۋېتىش ئەمەس، يەرنى بىراك قىلىۋېتىش دېگەنلىكمۇ ئەمەس دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، جىددى لازىم بولغاندا تېرىلغۇ يەردىن پايدىلانغىلى بولۇش، ئاشلىق تېرىسا ھوسۇل چىقىدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمەن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە.

  2016- يىلى مەركەز مالىيەسىدىن 1 مىليارد 436 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمى 6 مىليون 160 مىڭ مو بولغانىدى؛ 2017- يىلى 2 مىليارد 560 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمى 12 مىليون مو بولدى؛ 2018 –يىلى 5 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمى 24 مىليون مو بولىدۇ.

  تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتناشقان دېھقانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاكتىپچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تولۇقلىما ئۆلچىمىدە ئىككىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىرىنچىسى، زىرائەتلەر ئارىسىدىكى ئۈنۈمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوخشىمىغان زىرائەتلەرنىڭ تېرىقچىلىق ئۈنۈمىدىكى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ھېسابلىنىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىلىدىغان زىرائەتنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنمۇ زىيان تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئىككىنچىسى، رايونلار ئارىسىدىكى كىرىم تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوخشىمىغان رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئامىللار ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىلىپ، شۈدىگەرلەش تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ھېسابلىنىپ، ھەر مو يەرگە 500-800 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر