- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۆت دەرىجىلىك باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى
180 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق راسچوت قىلىندى
2018.02.28 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-فېۋرال ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشۇمچە، دۆلەتنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايغىچە 180 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق راسچوت قىلىنىپ، داۋالىنىش فوندىدىن 2 مىليارد 854 مىليون يۈەن چىقىم قىلىنغان. ئېلىمىز مىنىستىرلىق، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە تۆت دەرىجىنى تۇتاشتۇرۇدىغان دۆلەت باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا باشقا جايدا ئورۇنلاشقان پېنسىيونېرلار، ئۇزۇن مۇددەت باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقانلار، ئۇزۇن مۇددەت باشقا جايدا خىزمەت قىلىدىغانلار ۋە باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار قاتارلىق تۆت تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ باشقا جايدا كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، بارلىق بىر تۇتاش غەملەش رايونى، ئاساسلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئاساسلىق ئۇچۇر سېكۇنت ئىچىدە يەتكۈزۈلىدىغان بولغان، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بىردىنبىر راسچوت قىلىش ۋاسىتىسى ۋە كىنىشكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلكە ھالقىپ ئورتاق ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە كەسىپ قائىدىسى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن.
ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 300 مىليوندىن، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95 تىن ئاشقان، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسى ئىچىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %80تىن يۇقىرى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى دائىرىسى ئىچىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %70 ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ساغلاملىق كاپالىتى قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ھازىر، ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بارلار 1 مىليارد 88 مىليون كىشىگە يەتكەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر