باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن ئېقىم مىقدارى «كەزمە مۇلازىمەت ھەققى»نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.03.07 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن جاۋشيۇڭ 6-مارت مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى رەتلەش ۋە تەڭشەش، سىستېما ئېچىش ۋە ئۆزگەرتىش، سىناق ۋە كەسپىي تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئابونتلارنىڭ بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن بۇ پايدىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  چېن جاۋشيۇڭ مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يەنە ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى تور كارتىسى، پەلەمپەي شەكىللىك ئېقىم مىقدارىنى خاتىرجەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئېقىم مىقدارى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش جەھەتتە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 100 مېگالىق كەڭ بەلباغ بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1000 مېگالىق كەڭ بەلباغنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاپ، كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەقسىز تورغا چىقىش دائىرىسى ۋە G4 تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر