باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسى ۋە قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.07 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرىسى ۋە قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. دىڭ شيۇخۇا، گو ۋېنجىڭ، مېڭ چىلياڭ قاتارلىق ئەزالار ئاكتىپلىق بىلەن سۆز قىلدى. ۋاڭ ياڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپچىلىك بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىدىن سىياسىي كېڭەشكە كىرگەن ئەزالار بار، ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن، ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ئەزالارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ، ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىپ، ئەلنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشى ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ جانلىق ناماياندىسى. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە توغرا يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ماس راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر