باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاراۋانلىقلار كۆپ! ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى سىزنى «ئاز چىقىم قىلىپ، كۆپ كىرىم قىلغۇزىدىغان» سىياسەتلەر

2018.03.07 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى ئىزچىل ياخشىلاندى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.4 ئېشىپ باردى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى... ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى مەزمۇنلار پۇقرالارنىڭ ھەميېنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇخبىر رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى دوكلاتتىكى پاراۋانلىق تۈرلىرىنىڭ ناھايىتى ئەمەلىي ئىكەنلىكىنى، بۇ دوكلاتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پۇلىنى تېجەشكە پايدىسى بولۇپلا قالماي، ئامال قىلىپ كۆپچىلىكنى كۆپ كىرىم قىلغۇزىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  تۇرالغۇ: تۆۋەن كىرىملىكلەرمۇ ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرالايدۇ

  ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، تۆۋەن كىرىملىك، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئىمكانقەدەر تۇرالغۇ ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق خىزمەتچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قوللاپ، تۇرالغۇنى ئىجارە بېرىش بازىرى يېتىشتۈرۈلۈپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇلار راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ ۋاسىتىلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش تېزلىتىلىپ، ئىجارە بېرىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىجارە ئۆي تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشى بالدۇر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى: دائىرىسى كەڭ، تولۇقلىما بېرىشى يۇقىرى بولىدۇ

  ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنە 40 يۈەن ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر، سىرت جايلاردىن كەلگەن خىزمەتچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى راسچوت قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  تورغا چىقىش: سۈرئىتى تېز، خىراجىتى ئەرزان بولىدۇ

  تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش، ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەقسىز تورغا چىقىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئائىلە كەڭ بەلباغ تور ھەققى، كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورى ۋە مەخسۇس ئىشلىتىش ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققى يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  ئاپتوموبىل قاتنىشى:

  ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يول ھەققى، كۆۋرۈك ھەققى خىراجىتى يەڭگىللىتىلىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى رايون ئاتلاپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى چەكلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  سىرتلارغا ساياھەتكە چىقىش: ئاز خىراجەت بىلەن كۆڭۈللۈك سەپەر قىلغىلى بولىدۇ

  پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كىرىم: مائاش ئۆستۈرۈلۈپ، باج كېمەيتىلىدۇ

  پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش پۇلى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاش ۋە قوشۇمچە ياردەم پۇلى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جاپالىق رايونلار، ئالاھىدە خىزمەت تۈرلىرىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  شەخسىي كىرىم بېجىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش قاتارلىق مەخسۇس خىراجەت ئايرىمىسى ئاشۇرۇلىدۇ، يۈك مۇۋاپىق يەڭگىللىتىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەمگەك ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا، باي بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.نامراتلارنى يۆلەش: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا-كەنتلەر گۈللەندۈرۈلىدۇ

  ئېغىر نامرات رايونلارنى قوللاش كۈچەيتىلىپ، مەركەز مالىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتكەن نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى ۋە ئالاقىدار يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. ياشانغانلار، مېيىپلەر، ئېغىر كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە نامرات نوپۇسلارغا قارىتا، ئائىلە ئەمەلىي نوپۇس بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەشتە تولۇقلىما بېرىش تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسى ياخشىلىنىپ، يېڭى كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش بىلەن ئازايتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچى ئۆلكە ھالقىغان تەڭشەش مېخانىزمى قۇرۇلۇپ، تاپقان كىرىمىنىڭ ھەممىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش: ئارتۇقچىلىقى بولسا تەمىناتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ

  يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. زور تېخنىكىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات خادىملىرىغا جانلىق ئىش ھەققى بېرىش تۈزۈمى ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدا ئىزدىنىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى قوللاشقا ئېرىشىلىدۇ، چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يېڭىلىق يارىتىشى، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلىشىگە يېشىل يول ئېچىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر