باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورىدا «ماقالە ئامبىرىغا سۈرەت يوللاش» سىستېمىسى ئىشلىتىلدى

زاتۋور بېسىلىش بىلەنلا رەسىم دەرھال يوللىنىدۇ

2018.03.08 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى بۇ يىل ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشتا «ماقالە ئامبىرىغا سۈرەت يوللاش» سىستېمىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ سىستېمىنى خەلق تورى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، يان تېلېفون ئارقىلىق يەككە لىنزىلىق فوتو ئاپپاراتنىڭ سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش ھەرىكىتى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ ئالدىنقى سەپتە تارتقان سۈرەت ۋە سىنلىرى سىمسىز تور ياكى G4 يولى ئارقىلىق دەرھال خەلق تورى سۈرەت ئامبىرى مۇلازىمېتىرىغا يوللىنىپ مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ، ئارقا سەپتىكى تەھرىرلەر دەرھال كۆرۈش، چۈشۈرۈش، تەۋسىيە قىلىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ.

  خەۋەر قىلىش شەكلى ۋە ئوقۇش سەزگۈسىنى بېيىتىش، خەلق تورى 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك فوتو ئاپپارات، گۇگېل كۆزەينىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزەينەك، VR كامېرا، كۆچمە سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، AR، AI قاتارلىق نەچچە خىل يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، سۆھبەت، قىسقا سىن قاتارلىق كۆپ ساھەدە كۈچ چىقىرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ۋاڭزەينى پىروگراممىدا نامايان قىلىپ، تورداشلارغا ئىككى يىغىننى «يېڭى»دىن كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر