باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ خىزمەت مەيدانىدىكى تەسىر كۈچى ئاشماقتا

2018.03.08 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- مارت، نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ خىزمەت مەيدانىدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «2017- يىللىق ئاياللار، كەسىپ ۋە بەخت تۇيغۇسى: رەقەملىك دەۋردىكى ئاياللارنىڭ خىزمەت مەيدانىدىكى تەسىر كۈچى دوكلاتى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دوكلاتنى لى يىڭ جۇڭگو بىلەن دېچىن جۇڭگو بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، سوئال قەغىزى تارقىتىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، دېلو مىساللىرى تەتقىقاتى، چوڭقۇر سۆھبەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگودىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنغان ھەمدە ئاياللارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ۋە خىزمەت مەيدانىنىڭ جىنس كۆپ مەنبەلىكلىكى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتى تەخمىنەن %63.3 بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) (%57) ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر (%62)نىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)گە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولۇپ، %47 بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگودىكى كەسىپكار ئاياللارنىڭ ھېسسىياتى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئىقتىدارى جەھەتتە ئىپادىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان، %78 ئايال خىزمەت مەيدانىدا باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىشنى ئويلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ رەقەملىك دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاياللار كارخانا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى بېرەلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، ئاياللارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇلارغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا، دوكلاتتا يەنە كارخانىلارغا ئاياللارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ خىزمەت رولى ۋە ئۆسۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپى بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر