باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا داۋاملىق قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

2018.03.08 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3– ئاينىڭ 6– كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. دۆلەتنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ مەزمۇنى ئىخچام، سانلىق مەلۇماتلىرى تەپسىلىي ۋە ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئەمەلىيەتچىل بوپتۇ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلانلار بويىچە بۇ يىلقى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە ئۇلۇغۋار پىلانلار بويىچە خىزمەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرساقلا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى چوقۇم تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى چوقۇم تېخىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ۋەكىل شى داگاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپكى سەۋەب ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ ماڭغانلىقىدا، ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ئېنىق ئانالىز قىلىنىپتۇ، تەدبىرلەر دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ساپاسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشى ۋە پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر