باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىرقىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.09 15:22   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىرقىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىرقىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.

  شى جىنپىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مېنىڭ بولۇشۇم شەرت ئەمەس دېگەنلىك پاسسىپلىق، بوشاڭلىق، يارامسىزلىق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەم خەلق ئۈچۈن كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلىي ئىش قىلىشنى، ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ياخشى ئىش قىلىشنى، يەنى ھەم كۆزگە كۆرۈنىدىغان تۆھپە، ھەم يوشۇرۇن تۆھپە قوشۇپ، شەخسىي نام-ئاتاق بىلەن ھېسابلاشماسلىقنى، خەلقنىڭ ياخشى تەرىپىگە ئېرىشىشنى، تارىختا ياخشى نام قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. جاڭ شۇچىننىڭ قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزىگە قارىتا شى جىنپىڭ: قىزىل گېنغا چوقۇم ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى قەد كۆتۈرۈش، بېيىشتىن تارتىپ قۇدرەت تېپىشقىچە نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. ئەۋلادلارنىڭ ئېسىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز ۋە يولىمىزدىن مەڭگۈ ئېزىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، شەندۇڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شەندۇڭدىكى يولداشلاردىن كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، يېڭى دەۋردە زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  لى كېچياڭ لىياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، لياۋنىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  جاۋ لېجى سەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ