باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1-يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىن ئاچتى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.09 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1- يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 7-مارت ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر