باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار سۆز قىلدى

2018.03.09 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)»نى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم قارارى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى نامايان قىلىنغان، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ، مۇقەررەر ھالدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش − پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە؛ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى» ئىكەنلىكىنى ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تۈپ تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغۇسى؛ دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى؛ رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن − دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش − دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور قارارى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى تولۇق نامايان قىلىندى. بۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈنۈملۈك تۈردە ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، مۇتلەق سادىق بولۇش ۋە يادرونى قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا ھەقىقىي نامايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىنى قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ناھايىتى روشەن نامايان قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى نامايان قىلىندى، ئاساسىي قانۇندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ۋە مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇشتەك قانۇن نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، ھەمدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى بولۇپ، بۇ، دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى، ئەمەلىيەتنىڭ زۆرۈرلۈكى، قانۇنچىللىقنىڭ ئېھتىياجى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، شۇڭا مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى پائالىيەت مىزانى قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  ۋەكىل سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئورتاق بىر ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىدە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق. مەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. بىڭتۈەندە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ليۇ خەيشىڭ، مۇقىيات جارمۇقەممەت، نىياز ھاشىم، جوۋ شۈيۇڭ، فاتىمە، سۈي جيۇشيۇ قاتارلىق ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، ھەمدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن-سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە ۋە يېڭى تەلەپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر