باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى ئۆزىنىڭ 5-قېتىملىق ئىككى يىغىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

2018.03.09 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مېيدىيا مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىغا كىرىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، «جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى» توغرىسىدا نەق مەيداندىكى 600 نەچچە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. بۇ ۋاڭ يىنىڭ 2014-يىلدىن بۇيان 5-قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن ئىككى يىغىننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ «سىنىقى»نى قوبۇل قىلىشى.

  120 مىنۇت ئىچىدە، ۋاڭ يى نەق مەيداندىكى 22 تاراتقۇ مۇخبىرى ئوتتۇرىغا قويغان دىپلوماتىيە قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى. ئۇ سەمىمىي پوزىتسىيەسى ۋە مەدەنىي سۆزلىرى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئېتىقادى ۋە مەسئۇلىيىتىنى شەرھلىدى؛ قەتئىي پوزىتسىيە ۋە دانا جاۋابلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ياخشى قوغدايدىغان ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ، يىغىنغا قاتناشقان مۇخبىرلارغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى نەتىجە، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر