باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل لى كاڭ(گۇاڭشى-جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)

مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك

2018.03.09 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: «ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇش ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ھازىر، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى يەنىلا ئېلىمىز مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقا ھېسابلىنىدۇ، گۇاڭشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى ئاران %26. دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قا ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنى ئوقۇش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 100 يىللىق ئۇلۇغ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپ ئاساس، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا بۇمۇ رايونلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زۆرۈر تەلىپى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر