باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپى

2018.03.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مارت ئېيىدا، خۇش چىراي جىكې شىۋۇ ئۇچىسىغا چىرايلىق گارمون يوپكا، دۈمبىسىگە ئاق رەڭلىك «چارۋا»(يىزۇ مىللىتىنىڭ يېپىنچىسى)نى ئارتىپ خەلق سارىيىغا كىرگىنىدە، 2200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسى چىڭخېڭ يېزىسى چىڭخېڭ كەنتىدىكى يۇرتداشلار تېلېۋىزوردىن ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدىدى.

  ئۇدا ئىككى نۆۋەت كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان جىكې شىۋۇڭ نەزىرىدە كەتتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقانلىدىن باشقا ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يۇرتداشلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئۆزگىرىش ئىدى.

  «پۇقرالارنىڭ ھەممىسى <مائاش ئالىدىغان> كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن <مائاش ئالىدىغان>لارنىڭ ھەممىسى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر. ئىلگىرى كادىر، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشىكىمىزگىچە ئىزدەپ كېلەتتى، ھازىر يۇرتداشلار ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى بىلىپ، دۆلەتنىڭ شۇنچە كۆپ ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ، بالىلىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ مەكتەپكە بېرىدىغان بولدى.»

  جىكى شىۋۇ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى قىزلارنىڭ سانى سىنىپتىكى بالىلارنىڭ 3/1گىمۇ يەتمەيتتى. لېكىن بۇلتۇر 9-ئايدا لياڭشەن ئوبلاستلىق مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش باشلىغاندىكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تولۇق 1-يىللىقتىكى 11 سىنىپ ئىچىدە 10 سىنىپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئوغۇللارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇتو ناھىيەسىدىكى بىر يىزۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ياش ۋاقتىدا تۈرمىگە كىرىپ ئۇنى تاغىسىنىڭ بېقىشىغا قالدۇرغانىدى. بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئېتىقادى بىلەن ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ لياڭشەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىردى. 2006-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇ لياڭشەن ئوبلاستىدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن تۇنجى يىزۇ قىزى بولۇپ قالدى. جىكې شىۋۇ دائىم بۇ قىزنىڭ ھېكايىسى بىلەن كەنتتىكى قىزلارنى رىغبەتلەندۈرەتتى.

  جىكې شىۋۇ ھەر كۈنى كەنتتىكى يەسلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ئەگىشىپ تاۋۇش ئۆگىنىپ، ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇزاقراق توختاپ قالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزلارنىڭ چېھرىدىكى كۈلكە ماڭا بىر خىل ئۆچمەس كۈچنى ھېس قىلدۇردى. بۈگۈنكى قىزلار ئەتىدىكى ئانىلار، ئۇلار قوبۇل قىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئۆزىگە ۋە باشقا نۇرغۇن ئائىلىلەرگە قۇۋۋەت بېرىپ، دالياڭ تېغىنىڭ كەلگۈسىگە تىرەك بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر