خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر جيۇجەيگۇدىكى چاڭخەي مەنزىرە نۇقتىسىدا ساياھەت قىلماقتا. شۇ كۈنى، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن يەتتە ئاي تاقالغان جيۇجەيگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى بىر قىسىم مەنزىرىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شۇ كۈنى 700 دىن ئارتۇق ساياھەتچى 30 نەچچە مىنبۇسقا ئولتۇرۇپ، جيۇجەيگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى