باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.03.10 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-مارت كېلىشكىنى بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئۇچرىشىشتا يېقىندا ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى، چاۋشيەن تەرەپ ئاكتىپ ئىپادە بىلدۈردى، ئامېرىكا – چاۋشيەن يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەت رەئىس جانابلىرىنىڭ ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، دېگەن تەشەببۇسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇھىم رولىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشتەك توغرا يولغا قايتا باشلاپ كىرىشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە ئالاقىدار قارارلارنى بېكىتىش نىشانىغا ئۇيغۇن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى ئاكتىپ ئارزۇسىنى تەرىپلەيمەن، ئامېرىكا – چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتنى تېزرەك باشلاپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز يەنە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كۆپرەك ياخشى نىيەتتە بولۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىپ، ھازىرقى ئىجابىي ۋەزىيەتنى داۋاملىق تىرىشىپ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسىي دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بويىچە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەتكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر