باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئەمەلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك

2018.03.11 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستىل توغرا، كەيپىيات دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشتىكى مۇھىم ھالقا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىشىدۇر. بەزى رەھبىرىي كادىرلار قول ئاستىدىكى ئورۇنلارغىلا تىكىلىۋېلىپ، دىققىتىنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغىلا قويۇپ، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك پەقەت باشقىلارغىلا تەلەپ قويىدۇ. فاڭچېڭگاڭ شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشتىن ساقلاندى. ئادەم تاللاش، كادىرلارنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى، ئىشنى، كادىرلارنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش تەكلىپى بېرىمەن.

  __گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى فاڭچېڭگاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى يەنچياڭ

  «ئەمەلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك». پارتىيەلىك كادىرلار بۈيۈك ئەخلاقنى بىلىش، ئومۇمىي ئەخلاقنى چىڭ ساقلاش، شەخسىي ئەخلاقنى چېڭىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ شەرتنى تەڭ ھازىرلىشى كېرەك. شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، پايدا ئالمايدىغان ئىشنى بېجىرمەسلىككە؛ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، شەكىلۋازلىق بىلەن ئەخمەق قىلىشقا بولمايدۇ. ئېجىنا خوشۇنى ئۇزاق مەزگىل ئېكولوگىيەنى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، چېگرانى ساقلاشتەك تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ كەلدى، ئۇ يەنە بىزدىن سادىق بولۇش، پاكىز ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەربىيەلىنىشكە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش تەكلىپى بېرىمەن.

  ___ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېجىنا خۇشۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل مېڭخې

  يىڭنىنىڭ كۆزىدەك تۆشۈكتىن، تۆگىدەك شامال كىرىدۇ، قىسمەن يېزىلاردىكى «كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش» ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى قىسمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۆزىنى سوراش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ، كىچىك ئىشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقتىن چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. «ئۇل پۇختا بولمىسا تاغمۇ تەۋرەيدۇ»، يېزىلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ساھە. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرقى نۇقتىدىكى «ئېزىش، ئاينىش، ئېقىش، چۈشۈپ قېلىش» ئەھۋالدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ___ بېيجىڭ شەھىرى خۇەيروۋ رايونى بېيگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ چۈەن

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر