باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

【باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قەلبىمىزگە مەھكەم پۈكەيلى】

ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئىناق ۋە مۇقىم مۇھىت يارىتىپ بېرەيلى

2018.03.12 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي بولغان، مەدەنىي بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان، ھەمدە ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قەلبىگە مەھكەم پۈكۈپ، ھەمدە ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ماددىي ئاساسى، ئىدىيە ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

  ئىناقلىق ئارقىلىق تىنچلىق نامايان قىلىندى

  بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىشتا فۇكاڭ شەھىرىدىكى شىنجاڭ قار-مۇز دۇنياسى ساياھەتچىلەرگە تولدى، ھەر كۈنى كەچتە سەرخىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە «غەربىي يۇرت ساداسى» باش تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق ساليۇت كۆرگەزمىسى ساياھەتچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىدى.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قاتنىشىشچانلىقى ۋە ھېس قىلىش خاراكتېرى يۇقىرى بولغان، قىزىقارلىق تۈردىكى ساياھەت، بايرام ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بەس-بەستە ئۆتكۈزۈلۈپ، مەنزىرە رايونلىرى كىشىلەر بىلەن تولدى، ھەر مىللەت ئامما ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شاد-خۇراملىققا تولغان ھالدا، ھەمدە قۇتلۇق، تىنچ، ئىناق، مەدەنىي ۋە بىخەتەر ھالدا چاغان ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت ئىستېمال سوممىسى جەھەتتە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ساياھەتچىلىك ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بارومېتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان سوغۇق ھاۋادا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسىگە تەۋە دۇڭمېن ساقچىخانىسىنىڭ تيەنبەي ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا يەنە يېڭى بىر ئۇقۇم، يەنى «كەچلىك تەكرار ئۆيى» كۆپەيدى. بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقچى پونكىتىغا قويغان يېڭى نامى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە سوغۇقتىن دالدىلىنىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى 24 سائەت ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پونكىتى»، «ئىتتىپاقلىق پونكىتى»، «ئامانلىق پونكىتى»، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئىناق ۋە خۇشال ئىجتىمائىي كەيپىيات شىنجاڭنىڭ تىنچ ۋە ئىناقلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  ئىناقلىقنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ئورگىنىدىكى ئايال كادىرلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى تىنچلىق يولى كوچا باشقارمىسى سەنشەن مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاياللار بىلەن بىرلىكتە «ئاياللارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ. يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش. يېڭى تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىش» تېمىسىدا «8- مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى گۈلى خالىق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىكى بارلىق ئايال كادىرلارغا ۋاكالىتەن «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار ۋە ئاچا-سىڭىللارغا ئوچۇق خەت»نى ئوقۇپ بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار ۋە ئاچا-سىڭىللارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغداشقا چاقىردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشتەك كۈچلۈك جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىلدى. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىدىيە ۋە روھىي دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ سىناققا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تېزلەتكۈچىسىگە ئايلىنىپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى بولسا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاپتونوم رايوندىكى بىر مىليون 100 مىڭ دۆلەت مەمۇرى خادىملىرى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئۇلارغا قانۇن، سىياسەت، ئىللىقلىق ۋە مەدەنىيەت يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردى.

  ئىناقلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە بىر تۈركۈم ئادۋوكاتلار ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىلىرى سالاھىيىتىدە تاغلىق رايونلاردا ئالدىراش ئىشلەپ، كەسپىي بىلىمى ئارقىلىق ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىغا ياردەم بېرىپ، تاغلىق رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا قانۇنىي بىلىملەرنى ۋە مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەت ئۇلارغا قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى سېتىۋېلىپ سەپلەپ بېرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئۇ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ماجىرانى پەسەيتىش، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  2017- يىلى شىنجاڭدا ئۇنىۋېرسال قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى "ئومۇمىي مەنپەئەتلەندۈرۈش" شەكىللىك، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ئالغان، ھەمدە تاللاشقا بولىدىغان ئۇنىۋېرسال قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر