باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى باش ۋالىيسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.03.10 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-مارت پاپۇئا گىۋېنىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ باش ۋالىيسى بوب دادائەيگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئۇدا قاتتىق يەر تەۋرەپ، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زور زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. دۆلىتىڭلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى جۇڭگو خەلقى تولۇق ھېس قىلالايدۇ، جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى خەلقى چوقۇم قىيىنچىلىقنى بالدۇر يېڭىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر