باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 2–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

2018.03.10 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 9-مارت 2-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 بولۇپ، 2960 كىشى قاتناشتى، 20 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەتلىرىنى مۇنداق توققۇز جەھەتتىن دوكلات قىلدى: بىرىنچى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ ئىككىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلدى؛ ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىندى؛ تۆتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك قانۇن يۈرگۈزۈش تەلىپى تىرىشىپ قاندۇرۇلدى؛ بەشىنچى، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسي جەھەتتىن ھەل قىلىش»تا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئالتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سوتلاش سىستېمىسى ۋە سوتلاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يەتتىنچى، ئەقلىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەرىكەتچان، ئېنىق، خەلققە قولايلىق ئاشكارا قانۇن يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى؛ سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، خەلق سوت مەھكىسىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سادىق، پاك، مەسئلىيەتچان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلىندى؛ توققۇزىنچى، نازارەت ئاڭلىق قوبۇل قىلىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  جوۋ چياڭ 2018-يىللىق خىزمەت تەكلىپى توغرىسىدا تۆۋەندىكى يەتتە جەھەتتىن دوكلات بەردى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ ئىككىنچى، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي ساھەدىكى تۈرلۈك دېلولارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ھازىرلايمىز؛ تۆتىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز؛ بەشىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ ئالتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئاشكارا بولۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز؛ يەتتىنچى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل، پاك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق تەپتىش خىزمىتىنى تۆۋەندىكى يەتتە جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ ئۈچىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «يولۋاس»قا زەربە بېرىش، «چىۋىن»نى يوقىتىش، «تۈلكە ئوۋلاش» قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇلدى؛ تۆتىنچى، دەۋا ھەرىكىتى جەھەتتىكى قانۇن نازارەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى ھەقىقىي قوغدالدى؛ بەشىنچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بوشاشماي چىڭ تۇتۇلۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلدى؛ ئالتىنچى، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ چىقىلدى؛ يەتتىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ نازارىتى ئاڭلىق قوبۇل قىلىندى.

  ساۋ جيەنمىڭ 2018-يىللىق خىزمەت تەكلىپى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرىمىز؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز؛ ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز؛ تۆتىنچى، قانۇن نازارەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇن-تۈزۈمىىنىڭ بىردەكلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدايمىز؛ بەشىنچى، ئىسلاھاتتىكى سىياسىي تۇرغۇنلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز؛ ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم سىياسىي جەھەتتە پىشقان، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى يېڭى دەۋر تەپتىش قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ما فېڭگو، بايىنچاۋلۇ، ۋۇ يىڭجيې، يىن يىسۈي، لۇ شىنشې، پېڭ چىڭخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر