باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

زۇڭلى دوكلاتىدىكى 20 «چوڭ قىزىل بولاق»نى تېز ئېلىۋېلىڭ!

2018.03.11 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  2018- يىلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا، لى كېچياڭ بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەردى. بۇ تەكلىپلەر ئىچىدە «قىزىل بولاق»لار ئاز ئەمەس! خەلق تورى بىۋاستە كۆرسىتىش خاتىرىسىگە ئاساسەن، بۇ «قىزىل بولاق»لارنى رەتلەپ چىقتى.

  1. ئېقىم مىقدارى ھەققى بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلەيدۇ

  تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەقسىز تورغا چىقىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئائىلە كەڭ بەلباغ تورى، كارخانىلارنىڭ كەڭ بەلباغ تورى ۋە مەخسۇس لېنىيە ئىشلىتىش ھەققى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلىدۇ، «كەزمە مۇلازىمەت ھەققى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققى بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  2. شەخسلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى باشلاش نۇقتىسى ئۆستۈرۈلىدۇ

  شەخسلەردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشنى باشلاش نۇقتىسى ئۆستۈرۈلۈپ، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش قاتارلىق مەخسۇس خىراجەتلەرنى چىقىرىۋېتىش كۆپەيتىلىپ، يۈك مۇۋاپىق ئازايتىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشى ۋە باي بولۇشقا قەدەم قويۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  3. دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ

  پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  4. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىلىدۇ، نىمكەش ماشىنىلارنى يۆتكەپ ئىىلىتىشنى چەكلەش سىياسىتى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  5. ئاپتوموبىللار ۋە بىر قىسىم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلىدۇ

  ئىمپورت پائال تۈردە كېڭەيتىلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ياخشى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاپتوموبىللار ۋە بىر قىسىم كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى چۈشۈرۈلىدۇ.

  6. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا جانلىق ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ

  يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ زور ئادەم، ماددىي كۈچنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا لۇشيەنىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. زور تېخنىكىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات خادىملىرىغا قارىتا، جانلىق ئىش ھەققى تۈزۈمى ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

  7. كارخانىلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك

  ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىدىكى يېشىل يوللار كېڭەيتىلىدۇ.

  8. ئامما ئىش بېجىرىشتە «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترايدۇ»

  «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى» چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلار توردا بېجىرگىلى بولىدىغان قىلىنىپ، چوقۇم نەق مەيدانغا بېرىپ بىجىرىدىغان ئىشلاردا تىرىشىپ «پەقەت بىر ئىشىكتىنلا كىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى مېخانىزمى ئىسلاھاتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ قاتلاملىق ھالدا تەكرار ئىجرا قىلىش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكى بىكار قىلىنىپ ئېچىۋېتىلىدۇ. ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى ھەر خىل ئىسپاتلىرى ئېنىقلىنىپ، قانۇن-نىزام ئاساسى بولمىغانلىرى بىردەك بىكار قىلىنىدۇ.

  9. كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدۇ

  ياسىمىچىلىق ۋە قاتناش ترانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ باج نىسبىتى نۇقتىلىق تۆۋەنلىتىلىدۇ، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يىللىق سېتىش سوممىسى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى ئېلىنىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن ئەسۋاب-ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشىدىكى باج تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىش يۇقىرى چېكى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا تاپقان تاپاۋىتىنى ئۇنىۋېرسال توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئەشيا ئوبوروت قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ ئامبار يېرىگە باجدا ئېتىبار بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. كارخانىلارنى قايتا تەشكىللەشتىكى يەر قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە يەر خېتى بېجى قاتارلىق مۇددىتى توشقان ئېتىبار سىياسەتلىرى داۋاملىق ئۇزارتىلىپ يولغا قويۇلىدۇ. پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلار ۋە شەخسىيلەرنىڭ 80 مىليارد يۈەن بېجى كېمەيتىلىدۇ.

  10. كارخانىلارنىڭ باجدىن باشقا سېلىقلىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ

  مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش يەنىمۇ ئېنىقلىنىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قىسمەن ھۆكۈمەت فوندى ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»قا ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى داۋاملىق تۈردە باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئېلېكتىر، تور ھالقىلىرى قاتارلىقلاردىكى ھەقلەر ۋە توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئادەتتىكى سودا-سانائەت توك باھاسى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %10 تۆۋەنلىتىلىدۇ. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يول-كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈش خىراجىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  11. ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ

  ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىپ، تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىدۇ. بانكا كارتىسىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق بازارلار تەرتىپلىك ھالدا قويۇۋېتىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تىجارەت دائىرىسى چەكلىمىسى قويۇۋېتىلىدۇ، بانكا، ئاكسىيە، فوند باشقۇرۇش، قەرەللىك مال، پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركەتلىرى قاتارلىقلاردىكى چەت ئەل مەبلىغىنىڭ پاي نىسبىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىسى كېڭەيتىلىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ بانكا بازار ئىجازىتى ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ.

  12. بۇ يىل يېزىلاردا يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئازايتىلىدۇ

  بۇ يىل يېزىلاردا يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئازايتىلىپ، ئىككى مىليون 800 مىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تاماملىنىدۇ.

  يېڭىدىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ كۆلۈمى 80 مىليون مودىن ئارتۇق بولىدۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىشنىڭ كۆلىمى 20 مىليون موغىچە كۆپەيتىلىدۇ.

  ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. تۇرالغۇ يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەپ تولۇقلىما بېرىش تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسى ياخشىلىنىپ، يېڭى كۆپەيتىلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر كۆرسەتكۈچى، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش بىلەن ئازايتىشنى باغلاش ئېشىنچا كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆلكە ھالقىغان ھالدا تەڭشەش مېخانىزمى قۇرۇلۇپ، تاپقان كىرىمىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  13. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى تۈزىلىپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، ئۇچۇر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ياخشىلىنىپ، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسىلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاپتونومىيە بويىچە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدىكى يېزا-كەنت تۈزەش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  14. بۇ يىل يەنە 13 مىليون ئادەم شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلىدۇ

  بۇ يىل يەنە 13 مىليون ئادەم شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشى تېزلىتىلىدۇ. ئاممىۋى قاتناش ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆكتات بازىرى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى قاتارلىق خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. «شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر»، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ياخشىلىنىپ، شارائىتى بارلىرىغا لىفىت ئورنىتىش ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار كۈچەيتىلىدۇ.

  15. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ

  ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مائارىپ سېلىنمىسى داۋاملىق نامرات رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى «چوڭ سىنىپ»لارنى تۈگىتىش چىڭ تۇتۇلۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ. يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.

  16. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەش كۆپەيتىلىدۇ

  ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ داۋالاش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىشىنى قوللاش كېرەك.

  ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى پەرۋىش قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاتا-ئانىلارنى چوقۇم خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  17. ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنە 40 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ

  ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلىدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنە 40 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، يېرىمى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرى ۋە سىرتقا چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەر، سىرتتىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن خادىملار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  18. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

  يېڭى ئۈچ يىللىق كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى باشلىنىپ، بۇ يىل بەش مىليون 800 مىڭ يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ. جامائەت ئىجارە ئۆي كاپالىتى سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ، تۆۋەن كىرىملىك ۋە تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قوللاپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇلار تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

  19. شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم، ھەمدە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ

  شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم، نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش ئۆلچىمى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىگە پائال لايىقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە، مەھەللىدە ۋە ھەمكارلىق شەكلىدە كۈتۈنۈشى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، داۋالاش-كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

  20. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ

  كۆك ئاسماننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، بۇ يىل گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ۋە ئازوت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارى %3 تۆۋەنلىتىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئۇششاق دانچە (2.5PM)نىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر