خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 1- يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەن گاڭ، سىياسەت، قانۇن-نىزام ۋە نازارەت قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خې دېفاڭ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جىڭ قاتارلىقلار «يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى