باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.11 16:03   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ: بىزنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرى كادىرلىرىمىز كۆپ قىرلىق كادىرلاردىن بولۇشى، قانداقلا خىزمەت ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاساسىي بىلىم سىستېمىسىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك، قانۇن بۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى، كۆپچىلىك ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىشى، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ بىرىگە سەل قارىماسلىقى، مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بۇ نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بىناسى تۆت لىم سەككىز تۈۋرۈككە تايىنىدۇ، پارتىيە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئومۇمىي غول قۇرۇلما، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئاساسلىق يۈك كۆتۈرىدىغان تۈۋرۈك. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇل ھەممىدىن مۇھىم، ئۇل پۇختا بولمىسا، تاغمۇ تەۋرەيدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى پارتىيە ياچېيكىسىدۇر، يۇقىرىدىكى نۇرغۇن يىپلار تۆۋەندىكى بىر تال يىڭنىگە تۇتاشقان بولىدۇ، شۇڭا ئاساسىي قاتلامنى پۇختىلش شەرت. مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام تايانچلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، چۇڭچىڭدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، سالماق، تەمكىن بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى يۇقىرى پەللىسىنى ۋە تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل زېمىننى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، چۇڭچىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ئېكولوگىيە تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئوخشايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا بۇلغىنىپ كېتىدۇ، چاتاق چىقسا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى زور بەدەل كېتىدۇ. ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش -- بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ سىياسىي تەلىپى، قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بىكار قىلىش بىلەن تۇرغۇزۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى، ئىدىيەسىنى، خىزمىتىنى توغرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «باشلامچى غاز ئېففېكتى» شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىدارە قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىپ، ھوقۇقنى قەتئىي ھالدا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى، قائىدە، تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قانۇن-ئىنتىزام ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەل تۇتۇپ ئىش قىلىشتىكى ئۆلچەمنى ئېنىق بىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. نىڭشيا غەربىي قىسىمدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونى، ئۆتكەن بەش يىلدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نىڭشيانىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەربىي رايوننى چوڭ ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى يېڭى پەللىنى يارىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىنى كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلىمىدىن ئازات قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى تۈرتكىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشىنى، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشى ئارقىلىق قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاپ، «ئالاقە تورى +» تىپىدىكى داۋالاش، مائارىپ قاتارلىقلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جەنشۇ يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋېن خاۋ، رۇەن چېڭفا، لو جۈن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قوللايمەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يۈننەننىڭ باش شۇجىنىڭ يۈننەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايونغا، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىغا، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەركەزگە ئايلىنىپ، رەڭدار يۈننەننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاۋ لېجى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋۇ يىڭجيې، لوساڭ جياڭسۈن، چىزالا قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىستىلى خەلق رايىنىڭ مايىللىقىغا، پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئۇزاققىچە تىرىشىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلىش، ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، قىلچە يول قويماي، مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر ھەل قىلىپ، ھەر بىر ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، نېمە مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نېمە مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى