باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەرىكەت پىلانى (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى

ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

2018.02.28 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى يېقىندا «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەرىكەت پىلانى (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە «پىلان» دەپ ئېلىنىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى نامرات رايونلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىق ئەھۋالىنى تۈگتىىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «پىلان» دا مۇنداق تەكىتلەندى: ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى يەرلىكتىكى نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسى جەزمەن دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك.

  پىلان بويىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە نامرات ئائىلىلەردىكى يېكىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئالاقىلىشىش ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شۇ جاينىڭ ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئورتاق تىلدا ئالاقىلىشىدىغان تىل مۇھىتى دەسلەپكى قەدەمدە يارىتىلىدۇ.

  «پىلان» دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى يەرلىكتىكى نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىدىن بىرى قىلىپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. نوپۇس، ئىقتىساد، مائارىپ، تىل قاتارلىق ئاساسىي ئامىل ۋە شارائىت كاپالىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، دىققەتنى ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن رايونلار ۋە ياش-قىران ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورتاق تىلنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش ئەھۋالىنى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئارخىپى، كارتىسىغا كىرگۈزۈپ، تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىق ئەھۋالىنى تۈگىتىش كېرەك.

  مەكتەپلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىگە قارىتا، «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسى جەزمەن دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتىن ئايرىپ تەربىيەلەش، يىراق مۇساپىلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، مەكتەپنىڭ ئۆزىدە بىلىم ئاشۇرۇش، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھازىرقى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى مۇناسىپ دەرىجىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

  «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىدا تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى بىرقەدەر ياخشى قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئورتاق تىلنى پىششىق ئىشلىتىپ ئالاقە قىلالىشى، پىكىر ئالماشتۇرالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر