باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك

دۆلەت چېگراسىدىن چىقمايلا ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش

2018.03.05 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەزا لىن جۇڭچىن: (شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى)

  شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لىن جۇڭچىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن بىرگە، تېز تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلىم رەت تەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2012- يىلى، دۆلىتىمىز (چوڭ قۇرۇقلۇق رايونى)دىكى ئالىي مەكتەپلەردىن 28ى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، تۆتى دۇنيادىكى 200 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە 500 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ سانى 45كە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى دا تۇرغان ئىگەللىدى، 200 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ سانى بولسا توققۇزغا يەتتى، يەنە تېخى ئىككى مەكتەپ دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك مەكتەپ قاتارىغا كىردى.

  لىن جۇڭچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«دۆلىتىمىز تېخىمۇ زور سېلىنما سالمىقى بىلەن "ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش" قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا باشلىدى. بۇ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بىز جۇڭگودا ئەگەر ئالىي مائارىپ جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە يېتىشىۋالماقچى بولساق، سۈپەت مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. "ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش" قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا باشلىنىشى، جۇڭگودىكى بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ تەمكىن ھالدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا تىرەك بولىدۇ.

  لىن جۇڭچىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بۇ تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، "ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش" قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى ۋە ۋەزىپىلىرىنى فوكۇسلاپ، قۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، پەن قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشلىرى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشلىرى كېرەك؛ مەكتەپلەر تۆھپە قوشۇش يېتەكچىلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلۇش قەدىمى جەھەتتە ئۇلارنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭدۇرۇشلىرى كېرەك.

  مەن لىن جۇڭچىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېقىنقى كەلگۈسىدە، خەلقىمىز چوقۇم دۆلىتىمىزدىن چىقماي تۇرۇپلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولالىغۇسى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودا بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگۈسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر